گېرمانىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئارافات ئادىل تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىشى بىلەن ساق-سالامەت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئارافات ئادىلنى چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۇرتېمبېرگ شتاتىدىكى كارلسرۇھې ھۆكۈمىتى چىقارغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەنۋەر ئەھمەت: ئارافاتنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى خىتاينىڭ مەرھەمىتىدىن ئەمەس، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن بولدى. مۇنەۋۋەر ئابدۇللا زوردۇن سابىر ۋە «ئانا يۇرت» رومانىنى «جورجىئا تەقرىزى»دە تونۇشتۇردى. ئىستانبۇلدا 18-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. دىلنۇر رەيھان: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى. دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپتىن خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ۋەھىمىلىك تەسىرى ھەققىدە توختالدى. 


Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Podden och tillhörande omslagsbild på den här sidan tillhör RFA. Innehållet i podden är skapat av RFA och inte av, eller tillsammans med, Poddtoppen.